جاڭ دېجياڭ
0
2012-11-16 10:37:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جاڭ دېجياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1946-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭنىڭ تەيئەندىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى.

1968-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەسى لوزىگۇ كوممۇنىسى تەيپىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، 1970-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى، ئورگان ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئوقۇغان، 1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قوشۇمچە يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2012-يىلىدىن تارتىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.