شى جىنپىڭ
0
2012-11-16 10:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

شى جىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ فۇپىڭدىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى.

1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى كوممۇنىسى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سىنتېز كەسپىدە ئوقۇغان، 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جېڭدىڭ ناھىيەلىك قوراللىق بۆلۈمىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان، 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ، نىڭدې شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان، 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان.