ماكەي
0
2012-12-10 11:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مەھلىيا ئىبراھىم

ما كەي

ما كەي، ئەر، خەنزۇ، 1946 ـ يىلى 6 ـ ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەي شەھىرىدىن، 1965 ـ يىلى 9 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1965 ـ يىلى 8 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى ماگىستىرى.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز دۆلەت ئورگان خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى

1965 ـ يىلىدىن 1970 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان

1970 ـ يىلىدىن 1973 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىدىكى «7 ـ ماي» كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك بىلەن چېنىققان

1973 ـ يىلىدىن 1979 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان (بۇ مەزگىلىدە يەنى 1978 ـ يىلىدىن 1979 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ نەزەرىيە كۇرسىدا ئوقۇغان)