ۋاڭ خۇنىڭ
0
2012-12-10 11:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مەھلىيا ئىبراھىم

 

 

 

ۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 ـ يىلى 10 ـ ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لەيجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1977 ـ يىلى 2 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 ـ يىلى 4 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، پىروفېسسور.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

1972 ـ يىلىدىن 1977 ـ يىلىغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار مەكتىپىنىڭ چەت ئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1977 ـ يىلىدىن 1978 ـ يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1978 ـ يىلىدىن 1981 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 1981 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنتى، پىروفېسسورى (بۇ مەزگىلدە 1988 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلى شۆبە مەكتىپىنى زىيارەتچى ئالىم بولۇپ ئوقۇغان) بولغان؛ 1989 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى؛ 1994 ـ يىلىدىن 1995 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1995 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى سىياسىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1998 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2002 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

پارتىيە 16 ـ، 17 ـ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.