لىيۇ يەندۇڭ
0
2012-12-10 11:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مەھلىيا ئىبراھىم

 

 

ليۇ يەندۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1945 ـ يىلى 11 ـ ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1970 ـ يىلى 3 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1964 ـ يىلى 7 ـ ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

1964 ـ يىلىدىن 1970 ـ يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش ـ خىمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، بۇ مەزگىلدە شۇ يىللىق سىنىپنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 1970 ـ يىلىدىن 1972 ـ يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى كەيپىڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا ئىشچى، تېخنىك، سېخ مەسئۇلى بولغان؛ 1972 ـ يىلىدىن 1978 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى تەجرىبە زاۋۇتىدا ئىشچى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، ئاساسىي قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى باش پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، سېخ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، زاۋۇت پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان؛ 1978 ـ يىلىدىن 1980 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى تەجرىبە زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1980 ـ يىلىدىن 1981 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1981 ـ يىلىدىن 1982 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1982 ـ يىلىدىن 1991 ـ يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولغان؛ 1991 ـ يىلىدىن 1995 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى(1990 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ سوتسىيولوگىيە نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسى كەسپىدە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 1995 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998 ـ يىلىدىن 2001 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى (1994 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 2001 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2002 ـ يىلىدىن 2003 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2003 ـ يىلىدىن 2005 ـ يىلىغىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2005 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلغىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2008 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2008 ـ يىلىدىن 2009 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2009 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

پارتىيە 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16 ـ ، 17 ـ ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17 ـ ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 6 ـ ، 8 ـ ، 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.