ليۇ چىباۋ
0
2012-12-10 11:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مەھلىيا ئىبراھىم

 

 

ليۇ چىباۋ، ئەر، خەنزۇ، 1953 ـ يىلى 1 ـ ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇينىڭ سۇسۇڭ دېگەن يېرىدىن، 1974 ـ يىلى 9 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971 ـ يىلى 12 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق ئىگىلىكى پىلانى ۋە باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان ئاسپىرانتلىق مەلۇماتىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناس ماگىستىرى.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى .

1968 ـ يىلىدىن 1972 ـ يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇسۇڭ ناھىيەسى جۇتۇ گوڭشېسى جىنبېي چوڭ ئەترىتى ليۇۋۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، جىنبېي چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1972 ـ يىلىدىن 1974 ـ يىلىغىچە ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1974 ـ يىلىدىن 1977 ـ يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1977 ـ يىلىدىن 1980 ـ يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم بەڭگۇڭتىڭى كاتىبات باشقارمىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1980 ـ يىلىدىن 1982 ـ يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1982 ـ يىلىدىن 1983 ـ يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1983 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى(بۇ مەزگىلدە: 1984 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىپ سۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان)؛ 1985 ـ يىلىدىن 1993 ـ يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتكومىنىڭ شۇجىسى (بۇ مەزگىلدە: 1992 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن 1992 ـ يىلى 12 ـ ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1993 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە خەلق گېزىتخانىسىدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولغان (1991 ـ يىلىدىن 1993 ـ يىلىغىچە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق ئىگىلىكى پىلانى ۋە باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناس ماگىستىرى)؛ 1994 ـ يىلىدىن 2000 ـ يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2000 ـ يىلىدىن 2006 ـ يىلىغىچە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2006 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2008 ـ يىلىغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2008 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، 16 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17 ـ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى.