شۈ چىلياڭ
0
2012-12-10 11:52:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مەھلىيا ئىبراھىم

 

 

شۈ چىلياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1950 ـ يىلى 3 ـ ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭنىڭ لىنچۈ دېگەن يېرىدىن، 1966 ـ يىلى 7 ـ ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1967 ـ يىلى 7 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھاۋا ئارمىيە 5 ـ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسى شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بار.

1966 ـ يىلىدىن 1966 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 1 ـ ئاۋىياتسىيە تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1966 ـ يىلىدىن 1967 ـ يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 38 ـ جۈن 112 ـ شى 335 ـ تۈەنىدە ئەسكەر بولۇپ چېنىققان؛ 1967 ـ يىلىدىن 1968 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1968 ـ يىلىدىن 1969 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 5 ـ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1969 ـ يىلىدىن 1970 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسىنىڭ 77 ـ تۈەنىدە ئۇچقۇچى بولغان؛ 1970 ـ يىلىدىن 1973 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسىنىڭ مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىدە ئۇچقۇچى بولغان؛ 1973 ـ يىلىدىن 1976 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1976 ـ يىلىدىن 1980 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1980 ـ يىلىدىن 1983 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە 26 ـ شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى (بۇ ئارىلىقتا 1982 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 1982 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 1983 ـ يىلىدىن 1984 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە 26 ـ شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان؛ 1984 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 4 ـ جۈنىنىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان؛ 1985 ـ يىلىدىن 1986 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى شاڭخەي قوماندانلىق ئورنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان؛ 1986 ـ يىلىدىن 1988 ـ يىلىغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1988 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ جۈنىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان؛ 1989 ـ يىلىدىن 1990 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ جۈنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان؛ 1990 ـ يىلىدىن 1993 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ جۈنىنىڭ جۈنجاڭى بولغان؛ 1993 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى بولغان؛ 1994 ـ يىلىدىن 1999 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سەنمۇجاڭى (بۇ ئارىلىقتا 1994 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن 1994 ـ يىلى 11 ـ ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا، 1998 ـ يىلى 7 ـ ئايدىن 1998 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 1999 ـ يىلىدىن 2004 ـ يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە شېنياڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى (بۇ ئارىلىقتا 2001 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 2001 ـ يىلى 7 ـ ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۈنجاڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 2004 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش سەنمۇجاڭى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2008 ـ يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2008 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.

ج ك پ 14 ـ، 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ج ك پ 16 ـ، 17 ـ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ـ يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ج ك پ 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان. ج ك پ 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تەيىنلەندى.