يولداش جاڭ دېجياڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2013-03-15 09:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :قۇرباننىسا جاپپار

 

جاڭ دېجياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1946-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭنىڭ تەيئەندىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.

1968-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەسى لوزىگۇ كوممۇنىسى تەيپىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، 1970-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى، ئورگان ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئوقۇغان، 1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قوشۇمچە يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2012-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2012-يىلدىن 2013-يىلغىچە، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2013-يىلىدىن باشلاپ، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.