يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2013-03-15 09:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :قۇرباننىسا جاپپار

شى جىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ فۇپىڭدىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
    1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى كوممۇنىسى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى  خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سىنتېز كەسپىدە ئوقۇغان، 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، جېڭدىڭ ناھىيەلىك قوراللىق بۆلۈمىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان، 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، نىڭدې شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان،  1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان، 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان. 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئارىلىقتا، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش سىنىپىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2002-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 2007-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شاڭخەي گارنىزونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
   2013-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.
    جۇڭگو كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى بولغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-سانلىق يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.