دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى
0
2013-07-05 15:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈلرىز سۈرئەت

 

گېنېرال جاڭ باۋجۇڭ دېڭ شياۋپىڭنىڭ 40 يىلدىن كۆپرەك قوغدىغۇچى ۋە كاتىپ بولغان. ئۇ دېڭ شياۋپىڭنىڭ تۇرمۇشنى سۆيۈش، چېنىقىشنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك ئىدى. ئۇ ناشتىنى سائەت 8دە، چۈشلۈك تاماقنى سائەت 12دە، كەچلىك تاماقنى 6:30دا يەيتتى ھەم بۇ ئادىتىنى نەچچە ئون يىلغىچە ئۆزگەرتمىگەن. ئۇ ناشتىدا تۇخۇم، ھورنان، شوۋىگۈرۈچ، چىلىغان سەي؛ چۈش ۋە كەچتە دائىم تۆت قورۇما يەيتتى ۋە بىر شورپا ئىچەتتى. تاماق ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، دېڭ شياۋپىڭ كۆپ يېمەيتتى. ئۇ قارا ئاشلىقتا ئېتىلگەن تاماقنى ياخشى كۆرەتتى. كۆممىقوناق، تېرىقتا ئېتىلگەن تاماقنى ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم يەيتتى، ئۇ بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى.

1969-يىلى 10-ئايدا دېڭ شياۋپىڭ جياڭشى ئۆلكىسىگە ئەمگەك قىلىشقا چۈشۈرۈلگەن، دېڭ شياۋپىڭ تۇرمۇشىنى يەنىلا ئاددى لېكىن قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزدى. قورۇسىغا يېسىۋىلەك، قىزىلمۇچ، ئاچچىق كاۋا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىغان. ئۇ كۈندۈزى ئېتىزدا ئىشلىسە، كېچىسى ماركىس، لېنىن ئەسەرلىرى ۋە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ داڭلىق كىتابلىرىنى ئوقۇغان. 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سابىق غەربىي گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى دېڭ شياۋپىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىنى سورىغاندا، دېڭ شياۋپىڭ: مەن ئەزەلدىن ئۇمىدۋار يۈرىمەن، دېگەن. يولداش دېڭ شياۋپىڭ دائىم: مەن بىرىنچىدىن، دېڭىزغا چۈشۈپ سۇ ئۈزۈمەن، ئىككىنچىدىن، كورت ئوينايمەن، سۇ ئۈزەلىسەم، سالامەتلىكىم ياخشى ئىكەن، دەپ قارايمەن، كورت ئوينىيالىسام، كاللام يەنە ئىشلەيدىكەن، دەپ قارايمەن، دېگەن. يولداش دېڭ شياۋپىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن، ئۇ سۇ ئۈزۈش، تاغقا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ يەنە سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ياشىنىپ قالغاندىمۇ ھەر كۈنى ئۆزى تۈزۈۋالغان بىر يۈرۈش رادىئو گىمناستىكىسىنى ئوينايتتى. ئۇ كىچىك بالىلارغا بەك ئامراق ئىدى دەم ئالسىلا بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ 93 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتى، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.