يولداش چېن شىنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 17:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

چېن شى، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پۇتيەندىن، 1970-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ۋە خىمىيە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى كاتالىز دىنامىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، سانائەت پەنلىرى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە، تەتقىقاتچى.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى.

1970-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان.

1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سىنتېز كەسپىدە ئوقۇغان.

1979-يىلى فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ۋە خىمىيە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى كاتالىز دىنامىكا كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى ھەربىي تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1984-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ پارتكومى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەكتەپ پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1987-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1990-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، بېيجىڭ تىل ئىنستىتۇتى ئىنگلىز تىلى قىسقا مۇددەتلىك كۇرسىدا ئوقۇغان.

1990-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، ئامېرىكا ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچى بولغان.

1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فاكۇلتېت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1993-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا، 1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1990-يىلى 7-ئايدا تەتقىقاتچى بولۇپ باھالانغان).

2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2002-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)

2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.

2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. (مىنىستىر دەرىجىلىك)

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى.

ئۇ 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى. 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.