يولداش چېن چۈەنگونىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 17:26:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

چېن چۈەنگو، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭيۈدىن، 1973-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، ۋۇخەن تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلىمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخى، باشقۇرۇش ئىلىمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى.

1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1-ئارمىيەسى 3-دىۋىزىيەسى توپچىلار پولكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

1977-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان.

1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە، جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپى ئوقۇغان.

1981-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى پىڭيۈ ناھىيەسى شىنديەن گۇڭشېسىدا ئىشلىگەن.

1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان. (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك)

1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان. (ئارىلىقتا، 1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە، ۋۇخەن ئاپتوموبىل سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان).

1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

2000-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2004-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا، 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، ۋۇخەن تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلىمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، باشقۇرۇش ئىلىمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان).

2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2011-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى.

ئۇ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.