يولداش چىن مىنئېرنىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 17:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا
|
چىن مىنئېر، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجىدىن، 1981-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى. 1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە، شاۋشىڭ پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، شاۋشىڭ پېداگوگىكا تېخنىكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان. 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلىرى كۇرسىدا ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1984-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1987-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1989-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1990-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى بولغان. 1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا، 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان). 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. (ئارىلىقتا، 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان). 1999-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1999-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، جېجياڭ گېزىتى مەتبۇئات گۇرۇھىنىڭ باشلىقى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2012-يىلى گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2017-يىلى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى. ئۇ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى. |