يولداش خۇ چۈنخۇانىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 17:30:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا
|
خۇ چۈنخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇفېڭدىن، 1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى. 1979-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان. 1984-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، شىزاڭ ياشلار گېزىتخانىسىدا ئىشلىگەن. 1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە، شىزاڭ مېھمانخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولغان. 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1990-يىلى 2-ئايدا مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىر بولغان). 1992-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان. 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان (ئارىلىقتا، 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان). 1997-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. (ئارىلىقتا، 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيەسىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا دۇنيا ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان؛ 2000-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 11-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان. 2003-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2005-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2006-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان. 2008-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2012-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى. |