يولداش سۈن چۈنلەننىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 17:41:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل
|
يولداش سۈن چۈنلەن، ئايال، خەنزۇ، 1950-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېينىڭ راۋياڭدىن، 1969-يىلى11 -ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى. 1965-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن سانائەت تېخنىكا مەكتىپى ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1969-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن سائەت زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، سېخ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، زاۋۇت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان. 1974-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرى 1-يېنىك سانائەت ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1975-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك يېنىك سانائەت توقۇمىچىلىق سانائىتى ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1977-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەۋى تالا يۇڭ توقۇمىچىلىك باش زاۋۇتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1979-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەۋى تالا يۇڭ توقۇمىچىلىك باش زاۋۇتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەۋى تالا يۇڭ توقۇمىچىلىك باش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ئارىلىقتا 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان. 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەۋى تالا يۇڭ توقۇمىچىلىك باش زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1986-يىلى 2-ئايدىن 11-ئايغىچە پارتكوم خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەۋى تالا يۇڭ توقۇمىچىلىك باش زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1989-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىدە ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان. 1993-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1994-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئارىلىقتا، 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەدبىر باشقۇرۇش ئىلىمى كەسپىدە خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىدا ئوقۇغان. 1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2001-يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، دالىيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2001-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دالىيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، ئارىلىقتا 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىدا سىياسەت ئىلىمى كەسپىدە ئوقۇغان. 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان. 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2012-يىلى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2014-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 15-، 16-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17-،18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18-19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. |