يولداش لى شىنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 17:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

يولداش لى شى، ئەر، خەنزۇ، 1956-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇنىڭ لياڭداڭلىق، 1975-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 1982-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، غەربى شىمال پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا سانائەت باشقۇرۇش بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

1975-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لياڭداڭ ناھىيەسى يۈنپىن گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان.

1976-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى لياڭداڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا ئىش بېجىرگۈچى بولغان.

1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، غەربى شىمال پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.

1982-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى كاتىبات باشقارمىسىدا ئىش بېجىرگۈچى بولغان.

1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك كاتىپى بولغان.

1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك تەشكىللىگۈچىسى بولغان.

1987-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى يۆتكەش تەقسىملەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك تەشكىللىگۈچىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم زىيالىيلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى شىگۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1999-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2001-يىلىدىن 0022-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، ئارىلىقتا 2004-يىلى3-ئايدىن 7-ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان.

2004-يىلى گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان.

2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

2006-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەنئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. ئارىلىقتا 2007-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە يەنئەن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن؛ 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا سانائەت باشقۇرۇش بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭگو پۇدۇڭ كادىرلار ئىنستىتۇتى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، 1-مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2017-يىلى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.