يولداش جاۋ لېجېنىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 18:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت
|
جاۋ لېجې، ئەر، خەنزۇ، 1957- يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەندىن، 1974- يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975- يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى. 1974- يىلدىن 1975- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىسى گۇيدې ناھىيەسى خېدوڭ يېزىسىنىڭ گۇڭبا ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولۇپ چېنىققان. 1975- يىلدىن 1977- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان. 1977-يىلدىن1980-يىلغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇغان. 1980- يىلدىن 1982- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، ئۆلكىلىك سودا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1982- يىلدىن 1983- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا مەكتىپى ئوقۇتۇش كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1983-يىلدىن 1984- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نازارەت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1984- يىلدىن 1986- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك بەش خىل مېتال ئېلېكتىر خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتورى بولغان. 1986- يىلدىن 1991- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1991- يىلدىن 1993- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئارىلىقتا 1992- يىلى 4-ئايدا ئۆلكىلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1993- يىلدىن 1994- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1994- يىلدىن 1995- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1995- يىلدىن 1997- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1997- يىلى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1997-يىلدىن 1999- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.ئارىلىقتا 1996- يىلىدىن 1998- يىلغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى پۇل بانكا كەسپىدە ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1998-يىلى 9-ئايدىن، 1999- يىلى 1-ئايغىچە، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىك دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان. 1999- يىلدىن 2000- يىلىغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2000- يىلدىن 2003- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2003- يىلى ،چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2003- يىلدىن، 2004- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2004- يىلدىن 2007- يىلغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئارىلىقتا 2002- يىلدىن 2005- يىلغىچە، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىنىڭ سىياسەت ئىلىمى كەسپىدە ئوقۇغان. 2007- يىلدىن 2008- يىلغىچە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2008-يىلىن 2012- يىلغىچە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2012- يىلدىن 2017- يىلغىچە، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2017- يىلى، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، 16-،17-،18-، 19- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، شۇجىسى بولغان. |