يولداش خۇاڭ كۈنمىڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 18:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

خۇاڭ كۈنمىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەننىڭ شاڭخاڭدىن، 1974-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ئاممىۋىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. باشقۇرۇش ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

ئۇ 1974-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 32866قىسمى 84-شۆبە ئەترىتىدە جەڭچى، مۇئاۋىن ئوتدېلنىيە كوماندىرى بولغان.

1977-يىلىدىن 1978-يىلغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى شاڭخاڭ ناھىيەسى توڭشيەن گۇڭشېسى توڭشيەن چوڭ ئەترىتىدە پۈتۈكچى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

1982-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە كادىر بولغان.

1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ياش كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. (ئارىلىقتا يەنە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1990-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بولغان.

1991-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان.

1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان.

1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى، يوڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، يوڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يوڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى جيا شىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2007-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان( ئارىلىقتا 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ئاممىۋىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، باشقۇرۇش ئىلمىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان).

2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2012-يىلدىن 2013-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل ( مىنىستىر دەرىجىلىك )مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

ئۇ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى.