يولداش لى كېچياڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 18:59:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

لى كېچياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇينىڭ دىڭيۈەندىن، 1974-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق باكلاۋۇرى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان. ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

1974-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دوڭلىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، 1976-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دامياۋ چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1983-يىلى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان، 1985-يىلىدىن 1993-يىلغىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئارىلىقتا، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1991-يىلى 11-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان، 1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى، قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان، ئارىلىقتا، 1988-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، 1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان، 1999-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان، 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان، 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، 2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2013-يىلىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

ئۇ 15-، 16-، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.