يولداش لى جەنشۇنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 19:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

لى جەنشۇ، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېينىڭ پىڭشەندىن، 1972-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن. خېبېي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تارىخى، ئالىي سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە.

ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

1971-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك مالىيە سودا مەكتىپىنىڭ مال باھاسى كەسپىدە ئوقۇغان.

1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى ئىشخانىسىدا كادىر، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان.

1976-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسى ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ كادىرى، باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە خېبېي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان)

1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى ۋۇجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى بولغان.

1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خېبېي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 1988-يىلى 2-ئايدىن 1988-يىلى 8-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى كۇرسىدا ئوقۇغان)

1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى بولغان.

1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان (1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان)

1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان (1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتورىيەسى مالىيە سودا فاكۇلتېتى ئىقتىساد كەسپىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)

2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2002-يىلى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2004-يىلى 2007-يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ئالىي سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)

2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2012-يىلى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، گۇيجۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.