يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 19:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

شى جىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ فۇپىڭدىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سىنتېز كەسپىدە ئوقۇغان، 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىدا رەسمىي ھەربىي خىزمەتتىكى كاتىپ بولغان، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جېڭدىڭ ناھىيەلىك قوراللىق بۆلۈمىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان، 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، نىڭدې شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان، 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان. 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئارىلىقتا، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش سىنىپىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2002-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 2007-يىلى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي گارنىزونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2013-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلانغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-سانلىق يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.