يولداش شۈ چىلياڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 19:08:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

شۈ چىلياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭنىڭ لىنچۈ دېگەن يېرىدىن، 1966-يىلى -ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1967-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، ھاۋا ئارمىيە 5-ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھاۋا ئارمىيەسى گېنېرال پولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانى بار.

1966-يىلى ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاۋىياتسىيە تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1966-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 38-كورپۇسى 112-دىۋىزىيە 335-پولكىدا ئەسكەر بولۇپ چېنىققان؛ 1967-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8-ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1968-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 5-ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1969-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـدىۋىزىيەسى 77-پولكىدا ئۇچقۇچى بولغان؛ 1970-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26-دىۋىزىيەسىنىڭ مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىدە ئۇچقۇچى بولغان؛ 1973 ـ يىلىدىن 1976 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26ـدىۋىزىيەسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1976-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26-دىۋىزىيەسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە 26-دىۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا 1982-يىلى 3-ئايدىن 1982 ـ يىلى 10-ئايغىچە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1983 -يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە 26 -دىۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرى بولغان؛ 1984-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 4-كورپۇسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان؛ 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى شاڭخەي قوماندانلىق ئورنىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بولغان؛ 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1988-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8-كورپۇسىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان؛ 1989 -يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8-كورپۇسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بولغان؛ 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8-كورپۇسىنىڭ كوماندىرى بولغان؛ 1993-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى بولغان؛ 1994-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بولغان (بۇ ئارىلىقتا 1994-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 11-ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش ئىلىمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا، 1998-يىلى 7-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان) ؛ 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە شېنياڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان (بۇ ئارىلىقتا 2001-يىلى 3-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كورپۇس كوماندىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان) ؛ 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى بولغان؛ 2007-يىلى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-، 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلانغان. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.