يولداش ۋاڭ خۇنىڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 19:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئامانگۈل ھېبىبۇللا

 

ۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لەيجۇدىن، 1977-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە، پىروفېسسور.

ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

1972-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار مەكتىپى چەتئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇغان.

1977-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنتى، پىروفېسسورى بولغان. 1989-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1994-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى سىياسىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2014-يىلىدىن 2017-يىلغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

ئۇ 16-، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى.