يولداش لى چياڭنىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 19:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئامانگۈل ھېبىبۇللا
|
لى چياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1959-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رۈيئەندىن، 1976-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى سودا-سانائەتنى باشقۇرغۇچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. 1976-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەسى مايۈ رايونى ماشىنا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسىدە سۇ چىقىرىش پونكىتىدا ئىشلىگەن. ئارىلىقتا 1977-يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە رۈيئەن ناھىيەسى لۇشيەن تەلىم-تەربىيە خىزمەت ئەترىتىنىڭ جياڭشى گۇڭشېسى تارماق ئەترىتىگە ئارىيەت بىلەن يۆتكىلىپ ئىشلىگەن. 1977-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەسى سايمان ئۈچىنچى زاۋۇتىدا خىزمەت قىلغان. 1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭبو شۆبە مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەسى شېنچېڭ رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1983-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان. 1984-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1984-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېزىلاردا قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان. 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېزىلاردا قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئارىلىقتا 1985-يىلدىن 1987-يىلىغىچە جۇڭگو جەمئىيەتشۇناسلىق سىرتتىن ئوقۇتۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985-يىلى 12-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەھكىمىسىدە ئارىيەت بىلەن يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان. 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېزا قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1990-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1991-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1992-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يوڭكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. ئارىلىقتا 1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا باشقۇرۇش قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان. 1998-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يوڭكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. ئارىلىقتا 2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان. 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئارىلىقتا 2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىدا دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىدە ئوقۇغان. 2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان. 2005-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان. ئارىلىقتا 2003-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە شياڭگاڭ تەبىئىي پەنلەر سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2012-يىلى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2017-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ يەتتىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان، 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.
|