يولداش لى خۇڭجوڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 20:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئامانگۈل ھېبىبۇللا

 

لى خۇڭجوڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭلېدىن، 1975-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، جېلىن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەسئۇل ئىقتىسادچى.

ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى سۇ جيادۈن رايونى ياۋچيەن گۇڭشىسى چىيەندوۋ دادۈيىدە زىيالىي ياش بولۇپ چېنىققان، خەلق ئەسكىرى روتىسىنىڭ كوماندىرى، ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى، ئىتتىپاق باش ياچېيكا شۇجىسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تارىخشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان.

1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىدا كادىر بولغان.

1984-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1985-يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان.

1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە ئېلېكتىرون سانائەت مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك كاتىپى بولۇپ، 1986-يىلى 7-ئايدا مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىگە ئۆستۈرۈلگەن.

1987-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئېلېكتىرون سانائەت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1988-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خۈيجۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ۋەزىپە بىلەن ئۆتىگەن. ئارىلىقتا 1990-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە خۈيجۇ داياۋەن سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن؛

1991-يىلى 10-ئايدا مۇئاۋىن نازىر دەرىجىگە ئۆستۈرۈلگەن؛ 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە خۈيجۇ جۇڭكەي دۆلەتلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان. ئارىلىقتا 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە بىر يىللىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان.

2000-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2011-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2017-يىلى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.