يولداش دىڭ شۆشياڭنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 20:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :قۇرباننىسا جاپپار

 

دىڭ شۆشياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇنىڭ نەنتۇڭدىن، 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخىغا، تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئىنژېنېر.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، شەرقىي شىمال ئېغىر مېخانىكا قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى سوقۇپ پىرېسلاش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئۈسكۈنە كەسپىنى ئوقۇغان.

1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى 9-بۆلۈمىدە پەن-تەتقىقات خادىمى بولغان.

1984-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى 9-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. (ئارىلىقتا 1993-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 12-ئايغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)

1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. (1989-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)

1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، شاڭخەي ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى بولغان.

1999-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ نازىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھىرى جابېي رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت رايون باشلىقى، رايون باشلىقى بولغان.

2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلار خىزمىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى.