يولداش ۋاڭ ياڭنىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 20:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت
|
ۋاڭ ياڭ، ئەر ، خەنزۇ، 1955-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇينىڭ شيۇجۇدىن، 1972-يىلى 6-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ۋە تېخنىكا ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى. 1972-يىلىدىن 1976-يىلغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى شيۇشيەن ۋىلايەتلىك يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، سېخنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1976-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى شيۇشيەن ۋىلايىتى 7-ماي كادىرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئوقۇتۇش كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1979-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە تەشۋىقات كادىرلىرى كۇرسىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1980-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئەنخۈي ئۆلكىسى شيۇشەن ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىسى شيۇشيەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1983-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1984-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1987-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى ، شەھەر باشلىقى بولغان. (ئارىلىقتا 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتى تولۇق كۇرۇس سىنىپىدا پارتىيە ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپىدە خىزمەت قىلىۋېتىپ ئوقۇغان). 1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى بولغان. 1993-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993-يىلىدىن 1998-يىلغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.( ئارىلىقتا 1993-يىلىدىن1995-يىلىغىچە جۇڭگو پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلىمى فاكۇلتېتى باشقۇرۇش ئىلىمى كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق كۇرسىدا خىزمەت قىلىۋېتىپ ئوقۇغان ھەمدە تېخنىكا ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئالغان ، 1997-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 5-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان. 1999-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە دۆلەتلىك تەرەققىيات پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.(ئارىلىقتا 2001-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 11-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 2003-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتكە مەسئۇل مىنىستىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2007-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ پارتىيە 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17-،18-،19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.
|