يولداش ياڭ جيېچىنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 20:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

ياڭ جيېچى، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەي شەھىرىدىن، 1968-يىلى9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى دۇنيا تارىخى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى ۋە تارىخشۇناسلىق دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى پۇجياڭ توك سائىتى زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولغان.

1972-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش كوللېكتىپ تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان.

1973-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە ئەنگلىيە يىلىن ئىنستىتۇتى، باس ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون سىياسىي ئىقتىساد ئىنستىتۇتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئوقۇغان.

1975-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەرجىمە ئىشخانىسىدا بۆلۈم دەرىجىلىك خادىم بولغان.

1983-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا 2- دەرىجىلىك ، 1-دەرىجىلىك كاتىپ ، مەسلىھەتچى بولغان.

1987-يىلىدىن 1990-يىلغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرجىمە ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قوشۇمچە باشقارما باشلىقى بولغان.

1990-يىلىدىن1993-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىمالىي ئامېرىكا ئوكئانىيە مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قوشۇمچە باشقارما باشلىقى، مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلچىسى بولغان.

1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان .(ئارىلىقتا 1995-يىلى 8-ئايدىن 1996-يىلى 3-ئايغىچە قوشۇمچە شىمالىي ئامېرىكا ئوكئانىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، 1996-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 11-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان.

2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.

2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان.

2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ،پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.( ئارىلىقتا 2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى دۇنيا تارىخى كەسپىدە خىزمەت قىلىۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تارىخشۇناسلىق دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

2007-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2014-يىلى2-ئايغىچە مەركىزى دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2017-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ئۇ 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.