يولداش جاڭ يوۋشيانىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 20:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

جاڭ يوۋشيا ، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ ۋېينەندىن، 1968-يىلى12-ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن. 1969-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، ھەربىي ئىنستىتۇت ئاساس فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئىگە.

1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 119- پولكى 6-روتىسىنىڭ ئەسكىرى بولغان.

1971-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 119- پولكى قوماندانلىق ئىشتابى مەشىق بۆلۈمىنىڭ ئىشتاب ئوفىتسېرى بولغان.

1977-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 119- پولكى 3-باتالىيونى 8-روتىسىنىڭ كوماندىرى بولغان.

1979-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14- گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 118-پولكى قوماندانلىق ئىشتابى مەشىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 118-پولكىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولغان.

1981-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 118-پولكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1983-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسى 119-پولكىنىڭ باشلىقى بولغان.

1984-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان ، ئارىلىقتا 1984-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتى ئاساس فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

1987-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1990-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14-گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 40-دىۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرى بولغان.

1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 13-گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسىنىڭ كورپۇس كوماندىرى بولغان. ئارىلىقتا 1996-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 1-ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى توختاملىق ئۇرۇش قوماندانلىق كۇرسىدا ئوقۇغان).

2000-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 13- گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسىنىڭ كورپۇس كوماندىرى بولغان.

2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان.

2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان.

2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش قورال جابدۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش قورال جابدۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرال جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2017-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.