يولداش ياڭ شياۋدۇنىڭ تەرجىمىھالى |
2017-10-25 20:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت
|
ياڭ شياۋدۇ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەي شەھىرىدىن ، 1970-يىلى5-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرى، دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى. 1970-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى تەيخې ناھىيەسى سوڭجى گۇڭشېسى گاۋمياۋ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولۇپ چېنىققان. 1973-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە شاڭخەي جۇڭگو تېبابىتى ئىنستىتۇتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتى دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ ۋىلايىتى تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ بۆلۈمچە باشلىقى، مۇئاۋىن دىرېكتورى ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1984-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1986-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولغان . ئارىلىقتا ( 1988-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە بىر يىللىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چاڭدۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولغان. 1995-يىلىدىن1998-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئارىلىقتا 1998-يىلىدىن2001 –يىلغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپىدا قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى كەسپىدە ئوقۇغان). 2006-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئارىلىقتا 2013-يىلى 11-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 2014-يىلىدىن 2016-يىلغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2016-يىلىدىن 2017-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 2017-يىلى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى،، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ، دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 2014-يىلى 1-ئايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.
|