يولداش ۋاڭ چېننىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 20:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :قۇرباننىسا جاپپار

 

ۋاڭ چېن، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، بېيجىڭ شەھىرىدىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1969-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپرانتورىيەسى ئاخبارات فاكۇلتېتى ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا، ئەدەبىيات ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە، ئالىي مۇھەررىر.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

1969-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن ۋىلايىتى يىجۈن ناھىيەسىدە يېزىغا چۈشۈپ زىيالىي ياش بولغان.

1970-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن ۋىلايىتى يىجۈن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان.

1973-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسنىڭ كادىرى بولغان.

1974-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، نۇر گېزىتى ئىدارىسى ئىچكى خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى بولغان.

1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپرانتورىيەسى ئاخبارات فاكۇلتېتى ئاخبارات كەسپىدە ماگىستىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان.

1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، نۇر گېزىتى ئىدارىسى سىياسىي-ئىقتىساد خەۋەرلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، ئاممىۋىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1984-يىلى نۇر گېزىتى ئىدارىسى ئاممىۋىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1984-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، نۇر گېزىتى ئىدارىسى باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1986-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، نۇر گېزىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان. (ئارىلىقتا 1991-يىلى 9-ئايدىن 1991-يىلى 11-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)

1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، نۇر گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.

2000-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

2001-يىلى خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.

2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2003-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. (ئارىلىقتا 2006-يىلى 3-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)

2006-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئىنتېرنېت ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

16-، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى.