يولداش ليۇ خېنىڭ تەرجىمىھالى
0
2017-10-25 21:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار تۇردى

 

ليۇ خې، ئەر، خەنزۇ، 1952-يىلى بىرىنچى ئايدا تۇغۇلغان. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چاڭلى ناھىيەسىدىن. 1969-يىلى 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئىقتىسادىي فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت ئىقتىسادى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئاممىۋىي باشقۇرۇش ماگېستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە، تەتقىقاتچى، پىروفېسسور.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

1969-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى تاۋ نەن ناھىيەسى ۋافاڭ گۇڭشېسىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

1970-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە، ئازادلىق ئارمىيە 38-كورپۇسى 112-دىۋىزىيەسى زىنت توپچىلار پولكى 57-باتالىيونى ئىككىنچى روتىسىدا جەڭچى، مۇئاۋىن ئودلىنىيە كوماندىرى بولغان.

1973-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، بېيجىڭ سىمسىز رادىيو زاۋۇتىدا ئىشچى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، شۇجىسى بولغان.

1979-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى شۆبە مەكتىپى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. 1983-يىلى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

1983-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت ئىقتىسادى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ كادىرى بولغان.

1987-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى سانائەت ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان.

1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلاش ۋە كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. (ئارىلىقتا: 1992-يىلى 1-ئايدىن 1993-يىلى 1-ئايغىچە، ئامېرىكا غەربىي شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى سودا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچى بولغان)

1993-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1994-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلاش ۋە كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. (ئارىلىقتا: 1994-يىلى 7-ئايدىن 1995-يىلى 6-ئايغىچە، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ۋە سودا كەسپىدە ئوقۇپ، ئاممىۋىي باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)

1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل نازىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.

2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، گوۋۇيۈەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2003-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2017-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.