مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى ئۈچ كارىدور كىشىنى ئىنتىزار قىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-03 15:40

(ۋەكىللەر كارىدورى) ئۆتكەن يىلى 45 ۋەكىل ياخشى سۆز قىلدى

2018-يىلى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى 1-يىغىنىدا مەركەزلىك زىيارەت قىلىدىغان ۋەكىللەر كارىدورى يېڭىدىن ئېچىلدى. يىغىن مەزگىلىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 45 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەكىللەر كارىدورىدا مېڭىپ، ياخشى پىكىر بەردى. ۋەكىللەر كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋەكىللەرنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلدى، ۋەكىللەرنىڭ سوبيېكىتلىق ئورنىنى ئىپادىلىدى. ۋەكىللەرگە سۆز قىلىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىپ، ۋەكىللەرنى ئامما، ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان يول بىلەن تەمىنلەپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى تاپشۇرۇقنى ئورۇنلىشى قانداق بولدى؟ بۇ يىلى يەنە قايسى ۋەكىللەر ۋەكىللەر كارىدورىدا ماڭىدۇ؟ بۇ كىشىنى تەققەززا قىلىدۇ.

(ئەزالار كارىدورى) ئۆتكەن يىلى 33 ئەزا ئەزالار كارىدودا ماڭدى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە، تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان ئەزالار كارىدورى جەمئىي ئۈچ قېتىم ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 33 ئەزاسى ئەزالار كارىدورىدا ماڭدى، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى ساھەسى، جۇڭگو دىموكراتىك ئىتتىپاقى ساھەسى، ئىقتىساد ساھەسى، مائارىپ ساھەسى، داۋالاش، دورا، سەھىيە ساھەسى، مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسى قاتارلىق 10 نەچچە ساھەنى قاپلىدى.

قىسقىغىنە كارىدوردا ئەزالار تاراتقۇ مۇخبىرلىرى دىققەت قىلغان جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتىلار، ئىنكاس قىلغان جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىغا قارىتا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى بىر قاتار پىكىرلەرنى بەردى. بىز بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئەزالار كارىدورىدا قانداق قالتىس ئىشلار بولىدىغانلىقىنى تەققەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.

( مىنىستىرلار كارىدورى ) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى مىنىستىرلار كارىدورىدا تۇنجى قېتىم ئايان بولىدۇ.

2018-يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مىنىستىرلار كارىدورىدا بەش مەيدان مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەندى، جەمئىي 30 تارماقنىڭ مەسئۇلى ئىككى يىغىن مىنىستىرلار كارىدورىدا توختاپ سۆز قىلدى. ئۇلار دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ، ئېكولوگىيە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گەنجيە،تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭۋېي، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى شياۋپېڭ، دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ يۈ، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جۈنشېڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار جاۋاب بەرگەن مەسىلىلەر باج ئىسلاھاتى، مۇھىت ئاسىراش، تۇرالغۇ كاپالىتى، خەۋەرلىشىش، تىز يەتكۈزۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكىلىپ قىلىنغان گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىكلىرى، كومىتېتلىرى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى مېنىستىرلار كارىدورىدا مېڭىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرىدىكەن، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىكەن.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى : بەختىيار تۇردى.