سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىكى بۇ ئىشلارنى تېلېۋىزوردىنمۇ كۆرەلمەيسىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-04 17:25

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، بۇ يىللىق ئىككى يىغىن ۋاقتى رەسمىي باشلاندى.

مۇخبىرلار سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى يىغىن مەيدانىغا كىرىش ئۈچۈن ئۆچىرەتكە تىزىلدى


يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى ئەزالار كارىدورى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 14 تە ئالدى بىلەن ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ توققۇز ئەزاسى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئېچىلىش يىغىنى نەق مەيدانى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خەلق سارىيىغا كىردى، بۇ تاراتقۇلار ئەزالاردىن «سوئال سورايدىغان» ناھايىتى ياخشى سورۇن.

3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى رەسمىي ئېچىلدى، 2133 ئەزا ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.



مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار

ئېچىلىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كەينى-كەينىدىن مەيداندىن ئايرىلدى

ئەزالار سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلدى؟ (تۆۋەندىكى ۋىدېيونى چېكىپ كۆرۈڭ)

مەن «80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مۇلاۋ مىللىتىگە ۋاكالىتەن كەلدىم، (گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ خېچى شەھىرى) لوچېڭ مۇلاۋ ئاپتونوم ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر مۇلاۋ ئاپتونوم ناھىيەسى، مۇلاۋ مىللىتىدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ، مۇلاۋ ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىككى يىغىنغا ئېلىپ كەلگىنىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن.
سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا راۋاجلىنىپ، راۋاجلىنىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىلماقتا. سىياسىي كېڭەش خىزمىتى دوكلاتى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلدىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن.

 

سىياسىي كېڭەش خىزمىتى دوكلاتى ئىنتايىن ياخشى، ئىنتايىن ئەتراپلىق بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلەر بولۇپمۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە كونكىرېت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەرەپتىكى خىزمەتلەر ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.

2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگنىپ ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھالقىلىق يىل. مۇشۇنداق مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە، بىز يەنە تېخىمۇ ئېسىل خەۋەرلەرنى تارقىتىمىز، دىققىتىڭلاردا بىزدە بولسۇن.