13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.