گۈزەل جۇڭگوغا ئاسماندىن نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-05 17:37

ئۇلۇغ دەۋرنى خاتىرىلەيدىغان «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمى كۆرسىتىلدى  



«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىنىڭ ئۈچ مىنۇتلۇق مۇقەددىمىسى 

بۈگۈن كەچتە، «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمى ئىككى يىل سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەش ئارقىلىق يەنە سىزگە گۈزەل جۇڭگونى سەيلە قىلدۇرىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىم «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نى سۈرەتكە ئېلىش-ھازىرغىچە ئېلىمىزنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئۇچۇش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغان بوشلۇقتا سۈرەتكە ئېلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. 

 

2-قىسمىدا 1-قىسمىدىكى «شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، ئوتتۇرا»دىن ئىبارەت ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش داۋام قىلىنىپ، جېجياڭ، سىچۈەن، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭسۇدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون تاللىنىپ، ئېگىزلىكتىن سىزگە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان جۇڭگونى ھېس قىلدۇرىدۇ. 

 

جېجياڭ خەيتيەن يىجۇ 

 

جېجياڭ گۇاڭجى كۆۋرۈكى



جېجياڭ ۋۇجېن چوڭ تىياتىرخانىسى


سىچۈەن ئېمېيشەن تېغى



سىچۈەن نورىلاڭ شارقىراتمىسى


سىچۈەن ياشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىدا، تېلېكامېرانىڭ كۆزى يۇقىرىقى يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تەبىئەت، ئادىمىيەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق مەزمۇنلارغا توغرىلىنىپ، ماكرولۇق يۇقىرىدىن نەزەر سېلىش بىلەن مىكرولۇق دىققەت بىرلەشتۈرۈلگەن سۈرەت تىلى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ مول، رەڭدار تەبىئىي مەنزىرىسى ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنغان بولۇپ، «جۇڭگو مۆجىزىسى»نىڭ كەينىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئېچىپ بېرىدۇ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ يىپيېڭى قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

 

ئىچكى موڭغۇل ئارشان تېغىدىكى تيەنچى كۆلى 

 

ئىچكى موڭغۇل يايلاقتىكى قوي پادىلىرى 

 

ئىچكى موڭغۇل ئېجىنا توغراقلىقى 

 

گەنسۇ چىليەنشەن تېغى



گەنسۇ جاڭيې يەتتە رەڭلىك دەنشيا يەر شەكلى



گەنسۇ جيايۈگۈەن 
  

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىنى بىر يىل سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئادەملىك 12 تىك ئۇچار، 70 نەچچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلدى، ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئادەملىك ئايروپىلان ۋە ئوربىتا سۈنئىي ھەمرىيىنى ئىشلىتىپ كۆپ قاتلاملىق سۈرەت ھاسىل قىلدى؛ تۇنجى قېتىم VR كىنوكامېراسىنى ئىشلىتىپ، تەكشى سۈرەتتە ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى؛ بىر قېتىم سۈرەتكە ئېلىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئۇچۇپ يۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بوشلۇقتىن مەنزىرىنىڭ «چوڭ، گۈزەل، ئاجايىپ، ئۆزگىرىشچان» بولۇشىنى گەۋدىلەندۈردى.
 

گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى

 

گۇاڭدۇڭ گۇاڭجۇ تېلېۋىزىيە مۇنارى 

 

گۇاڭدۇڭ شىجياڭ دەرياسى 

 

فۇجيەن جيەننىڭ پەلەمپەيسىمان ئېتىزلىرى 

 

فۇجيەن ئېتىز قۇلۇلىسى ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان يەرلىك ئۆيلەر توپى 

 

فۇجيەن گۇلاڭ ئارىلى 

 

جياڭسۇ چىنخۇەي دەرياسى كېچىلىك مەنزىرىسى 

 

جياڭسۇ تەيجۇ شىڭخۇا دۆۋىلىمە ئېتىزلىرى 

 

جياڭسۇ فېڭچياۋ كۆۋرۈكى 

ئۇنداقتا «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىدا قانچىلىك رەڭدار، ئېسىل كۆرۈنۈشلەر بار؟ بىز سىزنى بۇلارغا باشلاپ بارىمىز! 

كۆرۈنۈش ئاستا-ئاستا ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، قاتمۇ-قات بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرغان يىراقتىكى تاغلارغا يۈرۈپ كېتىدۇ. «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىدا كۆپ خىل ئايروكامېرا ۋاسىتىسى ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۆرۈنۈش تىلى ئارقىلىق چوڭقۇر ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ، تونۇش زېمىندا يېڭى گۈزەللىكلەر بايقىلىدۇ. 

 

VR ئومۇمىي كۆرۈنۈشلۈك سۈرەتكە ئېلىش-مەيلى قەدىمىي كەنتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بولسۇن، مەيلى شەھەر ئىمارەتلىرى بولسۇن، ھەممىسىنى سىزگە 360 گىرادۇس بويىچە تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

 

دەرىجىسى ئۆستى، ھەر سىكونىتىغا 24 رومانتىك كۆرۈنۈش بىلەن سىزنى مال-چارۋىلارنىڭ چېپىپ يۈرگەن ھەر تەپسىلاتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 

 

ۋاقىت ئۇزارتىلىدۇ، ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئەڭ ياخشى قاچىسى، ئاشۇ بىردەملىك بۇلۇت توپلىرى، ئاشۇ پەيتتىكى چىراغلار چاقناپ تۇرغان كېچىلىك مەنزىرە. 

 

دەل رام بولۇپ قېلىش. ھەرىكەت ھالىتىدىكى جىمجىتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ، ئىستېرىئولۇق ئىككى ئۆلچەملىك سۈرەتتىن ھۇزۇرلىنىسىز؛ بايقاشچان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، سىرلىق تۇيغۇغا چۆمۈپ، سۇبيېكىتنى گەۋدىلەندۈرىسىز. 

 

ئۇچقاندەك ئۆرلەش. تارلىقتىن پايانسىزلىققا يېتىپ، بۇنىڭدىن ئېرىشكەن كەيپىيات ئەۋجىگە چۆمۈڭ. 

تاغلار، سۇلار بار، مەنزىرە ھەم ھېسسىيات بار، ئاسمانپەلەك بىنالار بار ھەم ئىنتايىن پەس بوشلۇقتىكى نەپسلىكلەر بار. ئوخشىمىغان مەزمۇندا ئوخشىمىغا سۈرەتكە ئېلىش ماھارىتى قوللىنىلغان. «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ سىرلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، سىزنىڭ يەنە بايقىشىڭىزنى كۈتمەكتە! 

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىغا ئەگىشىپ، بۇلۇت ئۈستىگە ئۆرلەپ، پايانسىز جۇڭگو زېمىنىنى سەيلە قىلىڭ!