ئەزالار باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن زور ئىلھام ئالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-05 17:41

مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەت خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي-پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر-كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىب، سەنئەتكار، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىلىمدا يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز بوشلۇققا ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، دەۋرنىڭ رېتىمىنى ئىگىلەپ، دەۋرنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 

  

بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، تيەن چىنشىن، دېڭ چۈندۇڭ، چېن لى، ۋاڭ شۆديەن، ۋاڭ چۈنفا، لى داجىن، فېڭ يۈەنجېڭ، لى چيەنگۇاڭ قاتارلىق سەككىز ئەزا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىش، خەلق ئۈچۈن ئىجاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، مۇزېيلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىدا توغرا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

 

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىمدىن بەك خۇشالمەن. مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر قايسى ئەزالار، بارلىق مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. مەن كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى يېزىش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دەۋر تېمىسىغا دادىل جاۋاب قايتۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلىرىدىن ئىجادىيەتنىڭ باش تېمىلىرىنى بايقاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىلھامىغا ئېرىشىپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ روھىي قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ، دەۋرنىڭ رەسساملىرى، دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىلىرى، دەۋرنىڭ ئەخلاق تەشەببۇسچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بارلىق نەتىجىلەر خەلقنىڭ تۆھپىسى، بارلىق شەرەپ خەلققە مەنسۇپ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خىلمۇ خىل خېيىم-خەتەر، خىرسلارنى يېڭىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ۋە ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا ئالدى بىلەن كىم ئۈچۈن ئىجاد قىلىش، كىم ئۈچۈن سۆز قىلىش دېگەن مەسىلىنى ئېنىق تونۇش كېرەك، بۇ تۈپ مەسىلە. 

خەلق ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتقاندىلا، ئىجادىيەت ئاندىن پۈتمەس-تۈگىمەس مەنبەگە ئىگە بولالايدۇ. مەدەنىيەت سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئىپادىلەپ، خەلقنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئىپادىلىشى، يېزىشى ۋە مەدھىيەلىشى كېرەك. پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى كۆپرەك نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە غەم-قايغۇسىغا دىققەت قىلىپ، قائىدىنى  چۈشەندۈرۈپ، ئىلىمنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلققە نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. بارلىق قىممەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىلىم تەتقىقاتىدا رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلىشى، رېئاللىققا كۆڭۈل بۆلۈنۈشى كېرەك، رېئال مەسلىلەرنى ھەل قىلىش، رېئال مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. 

 

 

 

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزالار باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرۈشتى. 

 

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى گوڭ خەنلىن مۇنداق دېدى:

باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى تولىمۇ قىزغىن، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى بىزگە ھەرۋاقىت يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، شۇنچىلىك تەسىرلەندىم، باش شۇجى بىزنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىمىزنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. باش شۇجى سۆزىدە تەپسىلاتلارنى، نۇرغۇن مىساللارنى ئېلىپ ئۆتتى، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى.  

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دوڭ يۈەن يۈەن مۇنداق دېدى: 

باش شۇجىنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم، ئىلھام ئالدىم، قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرىدىن باش شۇجىنىڭ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، باش شۇجى سۆزىدە تەكىتلىگەن نۇقتىلارنى، بىزگە قويغان تەلەپلەرنى مەن چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلايمەن. مەن مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزا، بىز ئەلنەغمە سەنئىتىگە ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى چوقۇم ياخشى قوغدىشىمىز، ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.