ۋەكىل ھۆرنىسا: دېھقانلارنى ئۈزۈم ئارقىلىق بېيىتىشقاكۈچ چىقىرىمەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-06 18:29

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرنىسا قادىر: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندە مەن ئاتامنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي دېھقانچىلىق كەسپىنى تاللىغان ئىدىم، شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، دەيدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشغا قاتناشقاندا تەكىتلەپ: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا، دېگەن ئىدى. ھۆرنىسا: بۇ سۆزلەر مېنى تاللىشىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندۈردى، بىزدەك يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتى، دېدى.

ھۆرنىسا ئىشقا چىققان تۇنجى كۈندىن باشلاپ پاشنىسىز ئاياغ كىيىپ، كەنتكە بېرىپ دېھقانلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئۆگەتكەن. ئۇ دېھقانلارنىڭ پارنىكتا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايىلىنىپ، 10 نەچچە مىڭ خەتلىك ئەسلىھەلىك يېزا-ئىگىلىكى تېخنىكا قائىدىسىنى تەرجىمە قىلىپ، دېھقانلارغا تارقىتىپ بەردى.

خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھۆرنىسا ئىزچىل ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش قىلىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، پاكار-پاكار چۈنجىلەر كېڭەيتىلدى، ئادەم كۈچى بىلەن ئۆستۈرۈش يېرىم ئاپتوماتلاشتى، سورت كۆپەيتىلدى، سۈپەت ئاشۇرۇلدى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ھۆرنىسانىڭ قان-تەرى ۋە ئەقىل پاراسىتى سىڭگەن ئىدى.

ھۆرنىسا مۇنداق دېدى: 2009-يىلى، خىزمەت داۋامىدا تۇپاندىكى ئۈزۈم جازىلىرىنىڭ ئىنتايىن پاكار ئىكەنلىكىنى، ئۈزۈم پىشقاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ياكى ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئۈزۈم ئۈزىدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئىچىم بەك ئاغرىدى.

ھۆرنىسا خىزمەتداشلىرى بىلەن توققۇز خىل ئۈزۈم جازىسىنى تەجرىبە قىلدى. ئىككى يىل ئىچىدە، ئۇلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۈزۈمنىڭ يېتىلىشىنى، چوڭ-كىچىكلىكىنى خاتىرلەپ ماڭدى. ئۇلار «ئۈزۈم جازىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى 170 سانتىمېتىدىن 190 سانتىمېتىرغىچە ئېگىزلەتسەك بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا دېھقانلار تۇرۇپ ئۈزۈم ئۈزەلەيدۇ، ئىش خېلى ئاسان بولىدىكەن» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

ئۈزۈم تېلى كۆمۈش، ئۈزۈم تىلى ئېچىش ئىنتايىن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، ئۈزۈم تىلى كۆمگەندە ھەر مو يەرگە 600 يۈەندىن كۆپرەك ئەمگەك ھەققى كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا ماشىنىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى ئېغىر ئەمگەكتىن ئازاد قىلغىلى بولىدۇ؟ ھۆرنىسا يەنە ئويلاشقا، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى تارماقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ، تال كۆمۈش، تال ئېچىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى ئىلتىماس قىلدى.

2012-يىلى، ماشىنىلاشتۇرۇش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھەر بىر مو يەرگە 100 يۈەن چىقىم قىلىنىدىغان بولدى، ھەمدە ئەمگەك ۋاقتى قىسقاردى، دېھقانلارنىڭ ئېغىر ئەمگەك يۈكى يېنىكلىدى.

ھۆرنىسا ئۈزۈم سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇ «ئۈچىنى ئۆزگەرتىش، ئىككىنى كونترول قىلىش، بىرنى ياخشىلاش» تېخنىكسىنى ياراتتى، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق يېتىشۈرۈلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈزۈملەرنىڭ سېتىلىشى زور مىقداردا ئاشتى، باھاسىمۇ ئۆرلىدى. ھۆرنىسا پەخىرىلىنىپ «2016-يىلى ئۈزۈملىرىمىز رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرگىچە سېتىلدى» دېدى.

ئۇ يەنە: باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەل بولۇش-بولماسلىقى دېھقانلارنىڭ باي بولۇش-بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ۋە سوتسىيالىزىمنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن، ھازىر تۇرپاندىكى دېھقانلار ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەر مو يەردىن 6000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ، مېنىڭ نىشانىم ئالتە يىلدىن كېيىن بۇساننى 12 مىڭ يۈەنگە ئۆزگەرتىش، دېھقانلار باي بولسا مەن خوشال بولىمەن، دېدى.