ئەزالار: خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-08 10:42

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز دېدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈ مېي