شىنجاڭلىق ۋەكىل، ئەزالار خانىم-قىزلار بايرىمىدا مۇنداق دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-08 17:47

بىر قانچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر-يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەرەققىياتنى، ئۆزگىرىشنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، پۇقرالارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلىدۇق، پۇقرالارنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە ئورتاقلاشتۇق.

توغرا، بىر مەيدان ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەرىكىتى جەنۇبىي شىنجاڭنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار ئارىسىدا گىرىم قىلىدىغانلار كۆپەيدى، دېھقان ئاياللىرى ئارىسىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان تۇغقانلىرى كۆپەيدى، يېزا-كەنتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپەيدى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەممىلا يەردە زامانىۋى يېڭى كەيپىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىلا يەردە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولماقتا.

 

ئىككى يىغىندا زىيارەت قىلىۋاتقان مۇخبىرىمىز گۈلبەھرەم مۇختار، گۈلرىز سۈرئەتلەر شىنجاڭدىكى يېزا ئاياللىرىدا بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ۋەكىل، ئەزالار بىلەن ئورتاقلاشقاندا ئۇلارمۇ بۇ يېڭىلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

زىيارەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بۇ يەردە ئاڭلىغايسىلەر؛

مۇخبىرىمىز 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ھۆرنىسا قادىرنى زىيارەت قىلماقتا


مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت بىلەن بىللە


مۇخبىرىمىز 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيە مەتسەيدىنى زىيارەت قىلماقتا


مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈمېي بىلەن بىللە


مۇخبىرىمىز 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنى زىيارەت قىلماقتا

ۋەكىللەرنىڭ ئېيتقىنىدەك «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتى ھەمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەرلەر ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، يېزا- كەنتلەرگە يۈزلەنگەن ھەمراھ زاۋۇتلارنى يۆلەپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يېزىدىكى دېھقان ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشىگە تېخىمۇ ياخشى سەھنە ھازىرلاندى، ئۇلار ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئائىلىسىنىڭ شارائىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە بولغان كۆز قارىشى يېڭىلاندى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قەدىر-قىممىتىنى نامايەن قىلىدىغان ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتى.