ۋەكىل قەيسەر ئابدۇكېرەم: داۋالىنىشتىن غەم قىلمايدىغان بولىسىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 15:54

شىنجاڭ تىببىي داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرەم تەتىلدىن مەكتەپكە قايتقان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچىگە ئېھتىياجلىقمىز، ھەر بىر كىشى يېڭى دەۋىرنىڭ ئارزۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك» دەپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىگە كۈچ چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قەيسەر ئابدۇكېرەم ئاساسىي قاتلامدا داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى ئايلىنىپ چىقتى.

شىنجاڭ تىبىبىي داشۆسى 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەملىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مارالبېشىدا «شىنجاڭ تىببىي داشۆسى داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى» قۇردى. قەيسەر ئابدۇكېرەم بۇ ھەقتە: بۇ ساغلام زاۋا ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلاملارغا يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇق-دېدى.

2017-يىلى «شىنجاڭ تىببىي داشۆسى داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى» ئالدى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازارلىق شىپاخانىسىدا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ناھىيە، يېزىلاردا قۇرۇلغان بىرىنچى دەرىجىلىك داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى زاۋا ئەندىزىسى دېيىلگەن.

قەيسەر ئابدۇكېرەم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قەرەللىك ھالدا مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، خالىس كېسەل كۆرۈش، ئوپېراتسىيە ئۆگىتىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇردى، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ ئىشخانا ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن ئاممىنى داۋالىدى، ھەمدە يەرلىككە ياردەملىشىپ بىر تۈركۈم داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى.

قەيسەر ئابدۇكېرەم دائىم «بىمارلارنىڭ يۈزىگە كۈلگە يۈگۈرگەننى، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشقا ئىشەنچلىك قايتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمىز دەل بىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ۋاقتىمىز» دەيدۇ. ئۆتكەن يىلقى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا، قەيسەر ئابدۇكېرەم داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى دەل يۆلەش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، ساغلام زاۋا ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تىببىي داشۆسى ئۆزىنىڭ تىببىي مائارىپ ۋە داۋالاش بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق ھەقسىز تىببىي پەنلەر ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي تېخنىكوم قاتلىمىدىكى كەنت دوختۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ناھىيە-يېزىلارنىڭ داۋالاش ئورگانلىرىغا كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى قۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەملىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

قەيسەر ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: يىنىك كېسەللىكنى يېزىدىن چىقماي، ئېغىر كېسەللىكنى ناھىيەدىن چىقماي، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىكلەرنى شىنجاڭدىن چىقماي داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىختىساسلىقلار، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدىكى تىببىي خادىملارنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئوقۇش تارىخى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز ئاساسىي قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلار ئەھۋالىنى خېلى تەتقىق قىلدۇق.

مۇخبىرىمىز گۈلبەھرەم مۇختار 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قەيسەر ئابدۇكېرەمنى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتى ھەققىدە زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپنى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئالاقە تورى+مائارىپ»نى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ساغلاملىق جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنىڭ زور بولىدىغانلىقى ئېيتىلدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قەيسەر ئابدۇكېرەم خەلقنىڭ ئىقتىساد سەۋەبىدىن داۋالىنالماسلىق مەسىلىسى ھەل بولدى، ئەمدىكى مەسىلە كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش، ئارىلىق يىراق بولۇش مەسىلىسى، بىز بۇنى چوقۇم تىرىشىپ ھەل قىلىمىز-دېدى.