ئەزا ئېرزات زادا: مەھەللىلەردە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى قۇرۇلسا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 16:02

زۇڭلى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان ئاھالە 250 مىليونغا يەتتى. كۈتۈنۈش، بولۇپمۇ مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەھەللىلەردە كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە پەرۋىش قىلىش، غىزالىنىشقا، ھەرىكەت قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان ئاپپاراتلارنى باج-ھەقنى كېمەيتىش–كەچۈرۈم قىلىش، مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىش، سۇ، توك، گاز، پار باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يۆلەيمىز، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلىرىدا مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى يانداش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش كېرەك؛ داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، ياشانغانلار ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەندىلا، كېيىنكىلەر ئۈمىدلىك كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېرزات زادانىڭ بۇ يىل ئېلىپ كەلگەن تەكلىپىمۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ مەھەللىلەردە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى قۇرۇش تەكلىپى بەردى. ئېرزات زادا 2018-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان، بۇ تەكلىپى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن.