يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 16:08

مۇخبىر: سىز سەنئەتكار، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يۇرتىڭىز شىنجاڭدىكى ئويۇن قويۇش ھېكايىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلنار ئابدۇللا بۇ ھەقتە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز «مەدەنىيەتنى ئون مىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈش»، «شادلىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنى شىنجاڭدا كەڭ قانات يايدۇرۇش. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى نادىر ئەسەرلەرنى خەلق ئارىسىغا ئېلىپ بېرىش، ئۇلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىش، ئاممىغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئامما ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈشنى كۆزلەيدۇ. بەزىدە بىز سوغۇق كۈنلەردە چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئويۇن قويماقچى بولساق، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى سەھەر ئالتىدىلا ئورۇن ئىگەللىگىلى كېلىدۇ، بۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى: خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئېھتىياجلىق، ئەدەبىيات-سەنئەتمۇ خەلقگە ئېھتىياجلىق، بۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپلەپ چۈشۈپ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ئۇلاردىن ئوزۇق ئېلىپ، يېڭى دەۋىرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشى كېرەك.

نەق مەيدان زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز ئەتىدىكى خەۋىرىمىزدە بولسۇن.