بۇ گەپ ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 16:19

بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى، بالىلارنى ساغلام ۋە ياراملىق قىلىپ تەربىيلەش ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مائارىپ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ياخشى تەكلىپ–پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئاتا-ئانىلارنى ئىزچىل سۆيۈندۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ يىل 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەققىدە توختالغاندا ئېيتقان: تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپنى راۋاجلاندۇرىمىز. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، يەسلى مائارىپى تەمىناتىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاشۇرىمىز، مەيلى ھۆكۈمەت يەسلىسى ياكى پۇقراۋى يەسلى بولسۇن، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، ھەق ئېلىشى مۇۋاپىق، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولسىلا، ھۆكۈمەت قوللايدۇ، دېگەن سۆزلەر ھەممەيلەننىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى تېز تەرەققىي قىلدى، ئەمما، يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىلا جايلار ئورتاق دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى رازىيە ئىزچىل ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلدى.

ئەلۋەتتە رازىيە خانىمغا ئوخشاش پەرزەنتى يەسلى يېشىغا توشقان ئاتا-ئانىلاردىن باشقا يېڭىدىن ئاتا-ئانا بولغان ياشلارمۇ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

ئۇنداقتا بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر بۇ ھەقتە قانداق تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يەنە نېمىلەرنى دەيدۇ؟ پايتەخت بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىستانسىمىز مۇخبىرى گۈلبەھرەم مۇختار بۇ ھەقتە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنى زىيارەت قىلدى.

ئەلۋەتتە يەسلى مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نىسبەتەن قانۇن چىقىرىپ، قانۇن ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يەسلى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەسلىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەسلى مائارىپىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇن ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئورتاق ئۆمىدى، شۇنداقلا بۇ، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىمۇ زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.