ئەزا يۈ مېي: ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 15:13

داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش تېمىسىمۇ خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى نەنمېن شۆبىسىنىڭ باشلىقى يۈ مېي ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۈ مېي مۇنداق دېدى: مەن داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خېلى بۇرۇنلا ساغلام كۈتۈنۈش كەسپىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ كەلدىم، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا تەكىتلەنگەن ساغلام جۇڭگو سىتىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنىڭ بىرلىشىشى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. مەن دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزىمىنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ داۋالاش كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى مەقسەت قىلغان ھالدا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىگىلىك، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىنى تايانچ قىلىپ، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق ياشانغانلار توپىنى قاپلىغان ساغلام ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياشانغانلار ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئۆلچىمىنى ئورنىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

يۈ مېي مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم كۈتۈنۈش ساھەسى قۇرۇلۇشى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم. مەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شۇنداقلا داۋالاش سەھىيە خادىمى بولغاچقا، خەلق تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلدىم. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىمۇ ئېنىق قىلىپ ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %17.13 نى ئىگىلەيدۇ، 65 ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %11.4 نى ئىگىلەيدۇ، قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە كىرىشكە قارىتا كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: 2013-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت ۋە قانۇن بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويدى. 2015-يىلدىن 2017-يىلغىچە بۇ ھەقتىكى 40 قا يېقىن ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى. 2015-يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىز كۈتۈنۈش ئىگىلىكىدىكى يەر ئىشلىتىشكە ئالاقىدار سەككىز سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى يىلدا كۈتۈنۈشتىكى كارىۋات ئورنى بىلەن تەمىنلەشتە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولدى، لېكىن ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ساھەسىدە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى كەمچىل، ساغلام كۈتۈنۈش ئورنى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، بەلگىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەسىلەن: ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا ئۆلچەم بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئالاقىدار قۇرۇلۇش ئۆلچەم سىستېمىسى بولمىغاندا، جايلاردا قۇرۇلغان ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا مەن دۆلەتنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئورنى قۇرۇشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بېرىمەن، بۇ سىستېما داۋالاش، كاپالەتلىك قىلىش، پەرۋىش قىلىش، بىخەتەرلىك سىستېمىسى، ئولتۇراق مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، قاتلاملارغا ئايرىلغان ئۆلچەم بولۇشى كېرەك. بۇ ئۆلچەم بولغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان توپتىكىلەرنىڭ ئېھتىياجى باھالانسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىشتا پەرۋىش مۇلازىمىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش؛ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارغا قارىتا داۋالاش ۋە كۈتۈنۈشنىڭ بىرلىشىشىدىكى ئۆلچەمگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش؛ ساغلام ياشانغانلارغا قارىتا تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە راھەتلىك دەرىجىسىدىكى كۆرسەتكۈچكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ خىلدىكى باھالاش سستېمىسى بولغاندا، ساغلاملىق كۈتۈنۈش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ قېلىپلىشىدۇ ۋە ئىلمىيلىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا ياشانغانلار تېخىمۇ بىخەتەرلىك، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىدۇ.