رۇقىيە مەتسەئىدى: باش شۇجىغا مۇنداق دېگۈم بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 15:38

يۇقاردىكىسى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيە مەتسەيدىنىڭ ئەگەر باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسە دېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سۆزلىرى.

رۇقىيە مەتسەيدىنىڭ بوۋىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ 61 يىل ئىلگىرى رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتناشماقتا، ئۇ يۇرتداشلىرىنىڭ يۇرتنىڭ يېڭى قىياپىتى، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرگە چوقۇم يەتكۈزۈشىنى تاپىلىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى ئارىلىقتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرغاندىن كېيىن قۇربان تۇلۇمنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ دادىسى مەتسەيدى ئەيسانىڭ باشچىلىقىدا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس مېھىر-شەپقەت فوندى قۇرۇپ، رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەسلىمە:

ئىككى يىل ئىلگىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، توختىخان قۇربانغا ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نەۋرىڭىز رۇقىيەنىڭ خېتىدىن 90 ياشقا يېقىنلاشقان بولسىڭىزمۇ يەنىلا تىمەن ئىكەنلىكىڭىزنى، جەمەتىڭلاردىكى يۈز نەچچە كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: شىنجاڭ ياخشى جاي، ھەر قايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاق، قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ئىدىم. كۆپ يىللاردىن بۇيان سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيە، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلار ۋە يۇرتداشلارغا ئۈلگە بولۇپسىز. ئائىلەڭلارنىڭ قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.