ۋەكىل ئادىل ئابدۇرازاق: تەكلىماكان بويىدا قىزىل گۈل چېچەكلەيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 16:17

ھەر يىلى 5-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدىغان يېرىدە قىزىل، سۆسۈن رەڭلىك گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ «شىنيې گۇرۇھى» كېرىيە گۈيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، باش دىرېكتورى ئادىل ئابدۇرازاق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، شۇ جايدىكى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدا 6800 مو كېلىدىغان قىزىلگۈل تېرىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېرىيە ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ئىچىدىكى ئېغىر نامرات رايون بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. شىنجاڭ كېرىيە گۈيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنيې گۇرۇھىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى باش نىشانغا قارىتىپ، قىزىلگۈل ئۆزگىچە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قىزىلگۈلنى سەرخىل پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قىزىلگۈل سېتىۋېلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

شىركەت 2012-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 80 مىليون يۈەن، شىركەت كېرىيە ناھىيەسى بىلەن زامانىۋى قىزىلگۈل ئەۋزەل كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەمكارلىق مۇددىئاسى شەكىللەندۈرۈپ، كېرىيەنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىل گۈل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن شىنيې گوروھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنى زورايتىش ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمىسى، كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم، كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى بىلەن شىركەتتىكى بارلىق خادىملار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىپ، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، «ئون مىڭ مولۇق ئۆزگىچە قىزىل گۈل تېرىش باغچا رايونى قۇرۇلۇشى» ۋە «ئون مىڭ توننىلىق قىزىل گۈل ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى»نى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى. 2013-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى، «ئون مىڭ مولۇق ئۆزگىچە قىزىل گۈل تېرىش باغچا رايونى قۇرۇلۇشى»دىكى 6800 مولۇق ۋەزىپىنى تاماملاپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇتاشما كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قىزىل گۈل خام ماتېرىيال تېرىش بازىسى قۇرۇپ چىقتى. ئوخشىمىغان سورتلۇق قىزىل گۈلدىن 2 مىليون 300 مىڭنى تېرىدى.

«شىنيې» گۇرۇھى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جەنۇبىي شىنجاڭدىن بىر ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلغانلىق − باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشقانلىق» دېگەن ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، رەھبەرلىك خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى بېكىتىپ، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەن.

2018-يىلى 3-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاچقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش يىغىنىدا «شېنيى گوروھى» بىلەن كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بەش يىللىق «كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىل گۈلىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىمزالىدى. شىركەت كېرىيە ناھىيەسى تېرىغان ئۇششاق شاخلىق قىزىل گۈلنىڭ بەرگىسى بىلەن غۇنچىسىنى بىر تۇتاش ساتىدىغان بولدى، 2018-يىلى قىزىل گۈل بەرگىسىنى سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى بىر كىلوگرام 20 يۈەن، غۇنچىنى سېتىۋېلىش بىر كىلوگرام 170 يۈەن بولدى، شىركەت يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن باھاغا كاپاتلىك قىلىپ سېتىۋالىدىغان تۇنجى رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىسىغا ئايلاندى. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە قىزىل گۈل ۋە قىزىل گۈل غۇنچىسىنى سېتىۋېلىشقا ئون مىليون يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلىندى، بەش مىڭ ئائىلىلىك دېھقان نەپ ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە 2200گە يەتتى، ئەڭ تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق يېزا-ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى ھەم دېھقانلارنىڭ مۇقىم كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىندى، شۇنداقلا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا تۆھپە قوشۇلدى.