ئەزا لىڭ يوۋشى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلىمەن، دېدى
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:37

ئەزا لىڭ يوۋشى 11-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تەيۋەندە تۇغۇلغان، 17 ياشتا شياڭگاڭغا كۆچۈپ كەلگەن «تەيۋەنلىك شياڭگاڭ رايونى ئەزاسى» بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بىر ھەقىقىي جۇڭگولۇق بولۇش سالاھىيىتىمدە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قاتنىشالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلىمەن.

لىڭ يوۋشى مۇنداق دېدى: خۇددى مەندەك مۇشۇنداق بىر ئاددىي تەيۋەنلىك قىزچاق، شياڭگاڭغا سىرتتىن كەلگەن بىر مېھماننىڭ بۈگۈن «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تەنتەنىلىك ھەرىكىتىگە كۈچ چىقىرالىغىنىم، مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچىنى بىرلىكتە زىممەمگە ئالالىغىنىم دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىپ ئالغا بېسىشى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىدىن كەلگەن.

لىڭ يوۋشى مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئىككى قىرغاق تىنچ يول بىلەن كېڭىشىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە «بىر دۆلەت، بىر ئاساسىي قانۇن، بىر مەركىزىي ھۆكۈمەت، بىر ئارمىيە»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېقىن كەلگۈسىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت چوقۇم ئانا ئۆز بالىسىنى قايتۇرۇۋالغانغا ئوخشاش، تەيۋەن ئاھالىسىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالىرى» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قانۇنىي سالاھىيىتى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

لىڭ يوۋشى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، مۇستەقىللىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم نەرسە يوق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قاتتىق كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى خارابىلىك ئارىسىدىن دەس تۇرغۇزۇپ، «ئورنىدىن تۇرۇش» تىن «بېيىش»قىچە، «بېيىش»تىن «قۇدرەت تېپىش»قىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن ئادەتتىن تاشقىرى مىننەتدار بولدۇم. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قەتئىي ئىشىنىمەن، ۋەتەنمۇ مۇقەررەر ھالدا بىرلىككە كېلىدۇ. پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىشنى خالايمەن، ئىككى قىرغاق بىرلىككە كەلگەن كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئىنتىزارمەن.