ئەزا خې چىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:39

ئەزا خې چىڭ 11-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى زورايتىش ئارقىلىق، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرگە ياردەم بېرىشنى سىجىل قانات يايدۇردى. ھەر مىللەت خەلقى ئاسان قولغا كەلمىگەن نەتىجىلەرنى قەدىرلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەزا خې چىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «ھەرگىز بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەت، بىرمۇ رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك» دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى ھەمدە شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى زورايتىش ئارقىلىق، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرگە سىجىل ياردەم بەردى، چېگرا رايونلاردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.

ئەزا خې چىڭ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مىللەتلەر بىر چوڭ ئائىلىدە ياشايدىغان ئېجىل-ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن قالايمىقانلىشىپ كەتمەيدۇ؛ خۇددى ئۆز قېرىندىشىنى ياخشى كۆرگەندەك باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى ياخشى كۆرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە قىلىپ، يۇغۇرۇلغىلى بولىدۇ؛ ئۆز مىللىتىنىلا كۆزدە تۇتماي، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىيلىقىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن ئىناق بولغىلى بولىدۇ. ئىناقلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ماس قەدەمدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتىن ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتىن شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىلىك ئېڭىنى چىڭ تۇرغۇزۇش لازىم.