ئەزا ياڭ جيې دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى يېتەكلەپ، پۇقرالىق ئېڭىنى باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش لازىم، دېدى
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:40

ئەزا ياڭ جيې 11-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دىنىي زات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى چوقۇم ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى يېتەكلەپ، پۇقرالىق ئېڭىنى باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە پۇقرالىق ھوقۇقىمىزنى يۈرگۈزۈشىمىز، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاڭلىق ماسلىشىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز لازىم.

ياڭ جيې مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. كىچىك ئىشلاردىن بىر ئۈستەل تاماق، خەلقنىڭ تۇرالغۇسىدىن چوڭ ئىشلاردا تاشيول، سۇچىلىق، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەگىچە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۇرمۇش مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ھالقىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنداقلا تەستە قولغا كەلگەن.

ياڭ جيې مۇنداق دەپ قارىدى: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئالدى بىلەن پۇقرادۇر. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئالدى بىلەن جۇڭگو پۇقراسىدۇر. پۇقرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش − ئاساسىي مەجبۇرىيەتتۇر، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن-قىلمىسۇن قانۇن سىرتىدىكى ماكان، قانۇن سىرتىدىكى ئادەم، قانۇن سىرتىدىكى دىن بار بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى مۇقەررەر، دۆلەت قانۇنىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇندىن ئەيمىنىش لازىم، قانۇن قىزىل سىزىقىدىن ھالقىشقا، ئاخىرقى چەككە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش لازىم؛ قانۇن ئۆگىنىش زۆرۈر، قانۇن تەربىيەسىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش لازىم.

ياڭ جيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پۇقرالىرى چوقۇم دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ئىشلىتىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بەش چوڭ تىلنىڭ بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت تىلى، ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئىنگلىز تىلىدىنمۇ ئارتۇق بولغان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ تىل. ھازىر ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپتى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «خەنزۇچە ئۆگىنىش» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىگىلىگەندە، ھەر قايسى تەرەپلەردىن تېخىمۇ ياخشى بىلىم ئالغىلى، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قۇبۇل قىلغىلى بولىدۇ.